شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تېببىي داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك «ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانا» بولۇپ، ئىلگىرى-ئاخىر «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ئورۇن»، «مەملىكەت بويىچە 100 ياخشى دوختۇرخانا»، «مەملىكەت بويىچە 1-ماي ئەمگەكچىلەر مۇكاپاتى»، «مەملىكەت بويىچە سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «مەملىكەت بويىچە تۈمەن نەپەر ۋراچ يېزىلارغا ياردەم بېرىش سەھىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «مەملىكەت بويىچە ئامما خاتىرجەم ئون چوڭ دوختۇرخانا»، «مەملىكەت بويىچە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن، جۇڭگودىكى 100 رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، سەر خىل دوختۇرخانىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، دوختۇرخانىدا 2700 كىشىلىك كارۋات بار، يەنە 2 شۆبە دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى مىچۈەن-كۆكتاغ دوختۇرخانىسى)، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق دوختۇرخانا رايونى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۇجۇ يولى دوختۇرخانا رايونى)، 1 مەھەللە ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىندى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 5000 دىن ئاشىدۇ، تېببىي پەن دوكتورى، ماگىستىر 973 نەپەر، پروفېسسور، دوتسېنت 159 نەپەر، دوكتور يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، ماگىستىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى 128 نەپەر. ئامبۇلاتورىيەدە يىللىق داۋالىغان بىمارلىرى 2 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، بالنىتسىدىن چىققان بىمارلار 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، ئوپېراتسىيە 90 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ. 54 كلىنىكىلىق بۆلۈم-ئىشخانا، 15 داۋالاش تېخنىكىسى بۆلۈم-ئىشخانىسى، 16 مەمۇرىي فۇنكسىيەلىك تارماق، بار، دۆلەت دوكتور ئاشتى پەن-تەتقىقات خىزمەت پونكىتى، 5 دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم، 40 ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم، 5 دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېببىي ئىلىم مەركىزى، 10 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېببىي ئىلىم تەتقىقات ئورنى، 18 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېببىي ئىلىم سۈپەت كونترول مەركىزى تەسىس قىلغان بولۇپ، دۆلەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بالنىتسا ۋراچلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بازىسى ۋە بارلىق بۆلۈملەر ۋراچلىرىنى تەربىيەلەشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۆلەتلىك ۋراچ سالاھىيەت ئىمتىھانى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ماھارىتى ۋە ئىمتىھان ئالغۇچى ئەمەلدارلارنى تەربىيەلەش بازىسىدۇر......

PET-CT، 320 قاتار CT، قوش مەنبەلىك CT، 3.0T يادرو ماگنىتلىق رېزونانس، گاما پىچىقى، ئىمپورت قىلىنغان تۈز سىزىقلىق تېزلەتكۈچ، نېيترونلۇق ئارقا ئورنىتىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئالىي سۈپەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئۈسكۈنىلەر بار. دوختۇرخانىنىڭ پەن تۈرلىرى تولۇق، تېخنىكا كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر، مۇرەككەپ ئېغىر كېسەللىكلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇپ داۋالاش جەھەتتە مول كلىنىكىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىغان، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، قىسمەن پەنلەر دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ھەر خىل مۇرەككەپ ئېغىر كېسەللىك بىمارلىرىنى شىنجاڭدىن چىقمايلا ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئىگە قىلدى. ئاياللار كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك قان تومۇر پەنلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، جىددىي داۋالاش تېببىي پەنلىرى، كلىنىكىلىق پەرۋىش كەسپى دۆلەتلىك كلىنىكا نۇقتىلىق مەخسۇس پەنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 40 مەخسۇس پەن ئاپتونوم رايون بويىچە كلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس پەنلەر قاتارىغا كىردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈرەك كۆچۈرۈش، ئۆپكە كۆچۈرۈش، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. نۆۋەتتە، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمارلار 14 يىلدىن ئارتۇق ساغلام تۇرمۇش كەچۈرگەن. 

دوختۇرخانىمىز شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى ۋە ئەنخۇي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كلىنىكىلىق ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسىدۇر، شۇنداقلا جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى، دۆلەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 11 سەھىيە جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ بىرى، ئاسىيا خەلقئارا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ نۇقتىلىق دوختۇرخانىسى، جۇڭگو يۇقىرى قان بېسىم ئىتتىپاقداش مەركىزىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى؛ دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ «ئاساسىي پەرۋىش سىناق نۇقتا دوختۇرخانىسى»، مەملىكەتلىك «سۈپەتلىك پەرۋىش مۇلازىمىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق ئالاقىلىشىش دوختۇرخانىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كلىنىكا مۇساپە باشقۇرۇش سىناق نۇقتا دوختۇرخانىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مېڭە ئاپوپلېكسىيەسىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشتىكى بازا دوختۇرخانا، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى سىناق نۇقتا ئورنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى»، قايتا ھاياتلىق ھەرىكىتى، يەنرەن پەرىشتە فوندى، كەلگۈسى پىلان پەرىشتە فوندى، غەربىي قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ چۇقۇق بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى قاتارلىق 12 تۈرلۈك فوند بويىچە داۋالاپ ساقايتىش تۈرىدىكى نۇقتىلىق داۋالاش دوختۇرخانىسىدۇر. 

دوختۇرخانىمىز «رەقەملەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانا بەرپا قىلىش» باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دوختۇرخانىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دوختۇرخانىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەمچى بولدى. 2009-يىلى شىنجاڭدا يىراق مۇساپىلىق كوللېكتىپ كېسەل كۆرۈش خىزمىتىنى باشلامچى بولۇپ قانات يايدۇردى، 2011-يىلى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر يىراق مۇساپىلىق داۋالاش مەخسۇس تورى قۇردى، شىنجاڭ بويىچە 126 ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يىراق مۇساپىلىق كوللېكتىپ كېسەل كۆرۈش مەخسۇس تورىنى قاپلىدى، 2016-يىلى دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئېلېكتىرونلۇق كېسەللىك تارىخى سىستېمىسى ئىقتىدارى ئەمەلىي قوللىنىشچان سەۋىيە باھالاشتا 6-دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇپ بېكىتىلدى.

يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۆلەت پەن-تېخنىكا تايانچ پىلانى، دۆلەت پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پىلان تۈرى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات تۈرىدىن 58 تۈر، ھەمكارلىق تۈرىدىن 40 تۈر، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك تېما 147 تۈر، سەھىيە نازارىتى دەرىجىلىك 59 تۈر، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈر بويىچە 14 تۈرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سىرتنىڭ پەن-تەتقىقات خىراجىتىگە ئېرىشكەن. جۇڭخۇا تېببىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 2 تۈرى، جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش تېببىي پەن مۇكاپاتىنىڭ 1 تۈرى، جۇڭخۇا پەرۋىش پەنلىرى پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 1 تۈرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىنىڭ 61 تۈرى، شىنجاڭ تېببىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 26 تۈرى، ئاپتونوم رايون پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ 99 تۈرىگە ئېرىشىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 5000 پارچىدىن ئارتۇق (بۇنىڭ ئىچىدە SCI قوبۇل قىلىنغان ماقالىلەر 75 پارچە) ئىلىم-پەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. 2014-يىلى «جۇڭخۇا ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ تەتۈر ئېقىش كېسەللىكلەر ژۇرنىلى» دوختۇرخانىمىزدا نەشر قىلىنغان، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى «ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ تەتۈر ئېقىش كېسەللىكى» مەخسۇس كېسەللىكلەر ژۇرنىلىدۇر، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى تۈرىدىكى ژۇرنالدۇر. 

دوختۇرخانىنىڭ سەھىيە ئاپپاراتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش سەھىيە سىستېما تورى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، داۋالاش ئىسلاھاتى مۇساپىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدەندى. شىنجاڭ بويىچە 100 دوختۇرخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دوختۇرخانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دوختۇرخانا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فرانسىيە پارىژ 12-ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى خېڭلى مېڭداۋئېر دوختۇرخانىسى، ياپونىيە توكيو دەريا بويى دوختۇرخانىسى، قازاقىستان ئاستانا شەھىرى دۆلەت باشقۇرغان 1-خەلق دوختۇرخانىسى، شياڭگاڭ خەنزۇ تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ مالى دوختۇرخانىسى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى، شيېخې دوختۇرخانىسى، فۇۋەي دوختۇرخانىسى، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى، جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى جۇڭشەن دوختۇرخانىسى، جېجياڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىقلار بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇق دوختۇرخانا مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

داۋالاش سەھىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى پۇرسەت ۋە رىقابەتكە يۈزلىنىپ، دوختۇرخانا «بىمارلار بىرىنچى، سۈپەت بىرىنچى، مۇلازىمەت بىرىنچى، ئىناۋەت بىرىنچى» بولۇشتەك ئاساسىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، «ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىمارلار ھەممىدىن ئەلا» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دوختۇرخانا باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، داۋالاش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، دوختۇرخانا مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئۈچۈن چىن دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، «خەلق دوختۇرخانىسى خەلق ئۈچۈن» بولۇشنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدۇ. 


微信服务号

微信订阅号

官方微薄

手机网站

联系我们

电话:0991-8562209[值班] 8560328[网站]

传真:0991-8564761

邮箱:postmaster@xjrmyy.com

邮编:830001

地址:中国新疆乌鲁木齐市天池路91号

Copyright © 2007-2017 www.kroia.com All Rights Reserved.

新疆维吾尔自治区人民医院版权所有

新疆维吾尔自治区人民医院党委办公室制作

新ICP备12003644号

返回顶部